3 ياشلىق بالا دۇنياغا بىر يېڭىلىق ياراتتى

جېكسون ھولىڭ ئىسىملىك ​​3 ياشلىق بىر بالا ئىتالىيە-شىۋېيېتسارىيە چېگراسىدىكى ئېگىزلىكى 3 مىڭ 308 مېتىر كېلىدىغان «PizBadile» چوققىسىغا چىققان ئەڭ ياش كىشى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى.

1466889
3 ياشلىق بالا دۇنياغا بىر يېڭىلىق ياراتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېكسون ھولىڭ 7 ياشلىق سىڭلىسى فرېيا، ئانىسى جېسسىكا ۋە دادىسى  كەسپىي تاغقا يامىشىش ماھىرى لېئو بىلەن بىرگە «PizBadile» چوققىسىغا چىقتى.

ئانىسى جېسسىكا جېكسوننى دۈمبىسىگە ئېلىپ ماڭغان بولسا، دادىسى لېئو ئائىلىگە كېرەكلىك بارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە يېمەكلىكلەرنى يۈدۈپ ماڭدى.

بۇ جەرياندا 7 ياشلىق ئاچىسى فرېيا ھولدىڭ ياردەمسىز ھالدا تاغقا ياماشقان ئەڭ ياش كىشى سۈپىتىدە رۇيخەتكە ئېلىندى.

يامىشىش جەمئىي 4 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، جېكسون ھولدىڭ «PizBadile» چوققىسىغا چىققان ئەڭ ياش كىشى دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى ئېرىشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر