لىۋېرپۇل 30 يىللىق ھەسرىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

لىۋېرپۇل ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى.

1460399
لىۋېرپۇل 30 يىللىق ھەسرىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى
liverpool 2.JPG
NGLAND-LIV-CHE.JPG
liverpool 4.JPG
anfield.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئانفىلدتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىغان لىۋېرپۇل كوماندىسى چېلسى كوماندىسىنى 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

مۇكاپات لوڭقىسى تاماشىبىنسىز مەيداندا بېرىلدى، مىڭلىغان پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا قاتناشقان تەنتەنە كەچكىچە داۋاملاشتى.

ۋۇخەن ۋىرۇس Kovid-19)) نىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرگۈزۈلمىگەن پۇتبول مەستانىلىرى سىرتتا ئىجتىمائىي مۇساپە ۋە ماسكا تاقاش قائىدىسىگە پەرۋا قىلمىدى.

ئانفىلد ئەتراپى كېچە بويىچە مەشئەل بىلەن يورۇتۇلدى.

سىرتتا تەنتەنە قىلىنىۋاتقاندا، تەنتەربىيە مەيدانىدا لىۋېرپۇل كوماندىسى 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.

قىزىل مايكىلىقلار 30 يىلدىن كېيىن تاماشىبىنسىز مەيداننىڭ ئالدىدا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنىڭ لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.

لوڭقا بېرىلگەن پەيتتە باشلانغان ساليوت كۆرگەزمىسىمۇ سىرتتىكى قىزغىنلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى كەچكىچە داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر