موتوسىكلىتلىقلار كارۋىنى 15 - ئىيۇلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە موتوسىكلىت فېدېراتسىيەسىنىڭ «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك يۈرۈشى» تېمىسىدىكى موتوسىكلىت يۈرۈشى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتى.

1455413
موتوسىكلىتلىقلار كارۋىنى 15 - ئىيۇلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موتوسىكلىت ھەۋەسكارلىرى 15 – ئىيۇل شېھىتلەر كۆۋرۈكىدە ئۇچرىشىپ، ئۇ يەردىن كوللېكتىپ ھالەتتە ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىقتى.

تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:00 دە باشلانغان «15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنى يۈرۈشى» دائىرىسىدە موتوسىكلىتلىقلار ، كوجائەلى، ساكاريا، دۈزجە ۋە بولۇدىن ئۆتۈپ ئەنقەرە ئالاھىدە قىسىملار قوماندانلىقى ئالدىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئەنقەرەدىكى مۇراسىمدىن كېيىن موتوسىكلىتلىقلار شېھىت ئۆمەر خالىسدەمىرنىڭ نىگدەنىڭ بور ناھىيەسىدىكى قەبرىسىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر