چىكاگو مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

بۇ يىل (2020) ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان «2020-يىللىق چىكاگو مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى» ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1454763
چىكاگو مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020 -يىللىق چىكاگو مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەندىشەسى سەۋەبىدىن بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان 2020-يىللىق چىكاگو مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى ۋە كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە مارافونچە يۈەرەش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ يىل ۋابا سەۋەبىدىن 2020-يىللىق چىكاگو مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىدىن باشقا، نىيۇ يورك ۋە بوستون قاتارلىق مۇھىم مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر