يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرى 15-ئىيۇل باشلىنىدۇ

تۈركىيە يېنىك ئاتلىتكا فېدېراتسىيەسى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن كېچىككەن يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىنى 18-19-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەر بىلەن باشلايدۇ.

1447713
يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرى 15-ئىيۇل باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يېنىك ئاتلىتكا فېدېراتسىيەسى 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى ئۈچۈن ئەنقەرەدە ئالاھىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەر بىلەن، يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا كومىتېتى ئاساسلىق مۇسابىقىلىرىنى 2020-يىلى ئاۋغۇست ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىغا كېچىكتۈردى. ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرى ۋە سېنتەبىرنىڭ بېشى ئۆتكۈزىدۇ. تۈركىيە يېنىك ئاتلىتكا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىلىرى سېنتەبىرنىڭ بېشىدا باشلىنىدۇ. دۇنيا يېنىك ئاتلىتكا كومىتېتى ئاپرېل ئېيىدا (2020) ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ئورگانلىرى چىقىرىدىغان قارارلارنى نەزەردە تۇتۇپ مۇسابىقە ۋاقىتلىرىنى بەلگىلىمىگەن ئىدى. پەقەت ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا دۆلەتلىك چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەۋسىيە قارارى چىقارغان ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر