ياۋروپادىكى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ياۋروپا پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن ئوتتۇرىچە %20 - %25 قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1442228
ياۋروپادىكى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: KPMG Football Benchmark، ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدە ياۋروپادىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 32 پۇتبول كوماندىسىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقتى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسى، مۇسابىقىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياۋروپادىكى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ زىيان تارتقان كوماندىلار بولىدىغانلىقىنى؛ بۇ دائىرىدە ئولىمپىك لىيوننىڭ قىممىتىنىڭ %27.5، پارىژ سائىنت گېرمائىننىڭ قىممىتىنىڭ %25.4 تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تىزىملىكتە تۈرك  پۇتبول كوماندىلىرىدىن گالاتاساراينىڭ %23.3، بەشىكتاشنىڭ %20.2 ئەتراپىدا قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى مۆلچەرلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر