ئەنگلىيەنىڭ بىرلا كوماندىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان پۇتبولچىلارنىڭ سانى 3 كە كۆپەيدى

ئەنگلىيە ئالىي بىرلەشمىسى كوماندىلىرىدىن بىرسى بولغان برايتون ۋە خوۋ ئالبيون كۇلۇبىدا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) بىلەن يۇقۇملانغان پۇتبولچىلارنىڭ سانى 3 كە كۆپەيدى.

1415186
ئەنگلىيەنىڭ بىرلا كوماندىسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان پۇتبولچىلارنىڭ سانى 3 كە كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برايتون كۇلۇبى باشلىقى پائۇل باربەر ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، «بارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىىمىزگە قارماي، يەنە بىر پۇتبۇلچىمىز  تاجىسىمان ۋىرۇسى تەكشۈرىشىدىن ئۆتەلمىدى. ئۇنىڭ ھازىر ئەھۋالى ياخشى، كارانتىندا زۆرۈر بولغان داۋالاش بىلەن بولماقتا» دېدى.

ئىلگىرى كۇلۇبتىكى ئىككى پۇتبۇلچىدا تاجىسىمان ۋىرۇسى بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

برايتون كۇلۇبى ئالدىنقى ئايدا مەشىق رايۇنلىرىنى ئاچقان بولۇپ، پۇتبۇلچىلارنىڭ يەككە مەشىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن، 13 - مارتتا ۋاقتىنچە توختىتىلغان بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنى سالامەتلىك مۇھىتى يار بەرگەندە قايتىدىن باشلاش ۋە تاماملاش نىشان قىلىنغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر