ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1410879
ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى
maraton.jpg
maraton.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1979-يىلدىن بۇيان ئاسىيا بىلەن ياۋروپا قىتئەلىرى ئوتتۇرىسىدا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟

1973-يىلى تۈركىيەدىكى بىر گېزىت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاسىيادىن ياۋروپاغا يۈگۈرۈش پىكرى، 1979-يىلى بىر تۈركۈم گېرمان ساياھەتچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. 4-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى تۇنجى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلەر ئۇنى شۇ كۈنگە خاس «چاقچاق» بولسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدى.

ئاسىيا-ياۋروپا يۈگۈرۈشى سۈپىتىدە باشلانغان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئىسمى كېيىن ياۋرو-ئاسىيا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتىلدى. 2005-يىلى ياۋرو-ئاسىيا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى «تىنچلىق ئىچىدىكى بىر دۇنيا» غا بېغىشلاندى. ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن بالىلار مەرمەر بوغۇزى كۆۋرۈكىدە تىنچلىق ئەلچىسى كەپتەرلەرنى ئۇچۇرۇشتى. شۇنداقلا ، شۇ يىلدىن باشلاپ چەت ئەلدە ئالاقە مەركەزلىرى ئېچىلدى.

2013 - يىلى ياۋرو-ئاسىيا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئىسمى ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتىلدى. 2014-يىلى ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى 22 -، ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى 11 – مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. يۈز مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتسۆيەرنىڭ ئىككى قىتئەنى دوستلۇق ۋە ئالىيجانابلىق تۇيغۇسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى، ئىستانبۇل مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ جەلپكار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئايلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر