توتېنھام پۇتبول كۇلۇبى ۋىرۇس تۈپەيلى چىقارغان قارارىدىن ۋاز كەچتى

ئېنگلاند (ئەنگلىيە) ئالىي بىرلەشمىسى كوماندىلىرىدىن توتتېنھام ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن بىر قىسىم خىزمەتچىلىرىنى مائاشسىز دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىش قارارىدىن ۋاز كەچتى.

1397591
توتېنھام پۇتبول كۇلۇبى ۋىرۇس تۈپەيلى چىقارغان قارارىدىن ۋاز كەچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توتتېنھام كۇلۇبى رەھبەرلىكى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدىكى مائاشلىرىنىڭ تولۇق بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

توتتېنھام كۇلۇبى مەسئۇللىرى، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۇلۇبنىڭ خىزمەتچىلەرنى مائاشسىز دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىش قارارىدىن نارازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى نېۋكاستىل يۇنايتىد، بورنېموس، نورۋىچ سىتى ۋە لىۋېرپول قاتارلىق كۇلۇبلارمۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېىرپ، بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشسىز دەم ئېلىشقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن، بۇلاردىن لىۋېرپولمۇ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن كېيىن مەزكۇر قارارىدىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر