پۇتبول تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ئىسىملەردىن بىرى بولغان بونېتتى ۋاپات بولدى

چېسلى(Chelsea) كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى «مۈشۈك» لەقەملىك ۋاراتاچى پېتېر بونېتتى (PeterBonetti) داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 78 يېشىدا ۋاپات بولدى.

1396786
پۇتبول تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ئىسىملەردىن بىرى بولغان بونېتتى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيو خەۋىرى: چېسلى كۇلۇبى تىۋىتتېردا پېتېر بونېتتى تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى. تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:

«پېتېر بونېتتى چېسلى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ماھىرلاردىن بىرى ئىدى. خاتىرجەم ياتقىن پېتېر بونېتتى.»

پېتېر بونېتتى چېلسى كۇلۇبىنىڭ تىللاردا داستان بولغان ماھىرى ئىدى.

ئەنگلىيە ۋاراتاسىنى 729 قېتىم قوغدىغان پېتېر بونېتتى كۇلۇب تارىخىدا ئەڭ كۆپ مۇسابىقىگە چۈشكەن ماھىر.

ئۇ 1966-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ئەنگلىيە كوماندىسى ئىچىدە زاپاس ۋاراتاچى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر