ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى پېپ گۇاردىئولانىڭ ئانىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەنگلىيە پۇتبول ئالىي بىرلەشمىسى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى پېپ گۇاردىئولا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1392924
ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەنگلىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى پېپ گۇاردىئولانىڭ ئانىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كۇلۇبنىڭ باياناتىدا، دولورس سالا كاررىيونىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19)  سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، گۇاردىئولاغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، «بىز بۇ قايغۇلۇق پەيتتە پېپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمىز ۋە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز» دېيلدى

82 ياشتا ۋاپات بولغان دولورس سالا كارىيو ئىسپانىيەنىڭ مانرېسا شەھىرىدە داۋالانماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر