سېربىيەلىك پۇتبول چولپىنى ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە،  3 ئايلىق نەزەربەنت قىلىش جازاسىغا ئۇچرىدى

سېربىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد -19) غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پۇتبول چولپىنى ئالېكساندىر پرىجوۋىچقا 3 ئايلىق ئۆيگە نەزەربەنت قىلىش جازاسى بېرىلدى.

1392010
سېربىيەلىك پۇتبول چولپىنى ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە،  3 ئايلىق نەزەربەنت قىلىش جازاسىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئىتتىھاد» كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان 29 ياشلىق سېربىيەلىك پۇتبول چولپىنى ئالېكساندىر پرىجوۋىچ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھلىقىدىكى 19 كىشى سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى بىر مېھمانخانىنىڭ قاۋاقخانىسىغا يىغىلىپ،  كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر