توكيو ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ۋاقتى بېكىتلدى
ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ يىل (2020) ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە رەھبەرلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئولىمپىكنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغان ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى جاكارلىغان ئىدى.
خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى، بىراق ئولىمپىكنىڭ 124 يىللىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن بولدى.
كېچىكتۈرۈش قارارىدىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى ئولىمپىكنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا مەركەزلەشتى.
ياپونىيەنىڭ «NHK» دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇزاكىرەلەر نەتىجىسىدە ئولىمپكىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، توكيو ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ۋاقتى 2021-يىلى 23-ئىيۇلدىن 8-ئاۋغۇستقىچە قىلىپ بېكىتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تەيكۈەنداۋ چېمپىيونلۇقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە بەش ئالتۇن مېدال
ياۋروپا تەيكۈەنداۋ ۋە پارا تەيكۈەنداۋ چېمپىيونلۇقى ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.