تېنىس توپ ماھىرى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا پۇل ئىئانە قىلدى

شىۋېيتسارىيەلىك تېنىس توپ ماھىرى روگېر فېدېرېر (Roger Federer) دۆلىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە 1 مىليون شىۋېيتسارىيە فرانكى (1مىليون دوللار) ئىئانە قىلدى.

تېنىس توپ ماھىرى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا پۇل ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەلىك تېنىس توپ ماھىرى روگېر فېدېرېر ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە 1 مىليون شىۋېيتسارىيە فرانكى ئىئانە قىلدى.

ئۇ: «بۇ ناھايىتى قىيىن مەزگىل، شۇڭا ھېچكىم ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئايالىم مىركا (Mirka) بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە 1 مىليون شىۋېيتسارىيە فرانكى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدۇق. بۇ ياردەملىرىمىز بىر باشلانغۇچ. باشقىلارنىڭمۇ ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىرىزىستىن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىمىز. سالامەت بولۇڭلار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر