توكيو ئولىمپىك يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2021-يىلىغا كېچىكتۈرۈلدى.

1384589
توكيو ئولىمپىك يىغىنى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ئولىمپىك يىغىنىنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسىدە، كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك يىغىنىنىڭ كېلەر يىلى (2021) ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىسمى «2020-توكيو» شەكلىدە بولىدۇ.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى توكيو ئولىمپىك يىغىنى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك يىغىنىنىڭ «2020-توكيو» نامى بىلەن 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلدى.

خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 1896-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلمىگەن ئىدى. كېچىكتۈرۈلۈشى بولسا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن بولدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باشلىقى توماس باخ (Thomas Bach) ئۆتكەنكى كۈنلەردە ئولىمپىكقا قاتنىشىدىغان تەنتەربىيەچىلەر ئۈچۈن بىر مەكتۇپ يازغان بولۇپ، مۇنداق دېگەن ئىدى:

«ئىنسان ھاياتى ئولىمپىكلاردىن ھەتتا ھەممە نەرسىدىن مۇھىم. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالايدۇ. قاراڭغۇ تونېلنىڭ ئىچىدە بىرلىكتە ئىلگىرىلەيمىز، ئەمما قانچىلىك ماڭىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ شۇنى بىلىمەنكى، تونېلنىڭ بىر ئۇچىدا بىزنى ئولىمپىك مەشئىلى كۈتۈۋالىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر