توكيو ئولىمپىك يىغىنى توغرىسىدا ئۈچ خىل پىلان ئاشكارىلاندى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (IOC) نىڭ باشلىقى توماس باخ 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1383288
توكيو ئولىمپىك يىغىنى توغرىسىدا ئۈچ خىل پىلان ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى توماس باخ ئولىمپىك يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەھۋالدا 11 مىڭ تەنھەرىكەتچىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى مۇشۇ يازدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا پىلانلار ئۈستىلىمىزدە» دېدى.

سېربىيە بىلەن كىرودىيە تەنتەربىيە ھەيئەتلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكى توغرىسىدا پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

توكيو ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك دۇنيا قىلىچۋازلىق چېمپىيونى ماكس ھارتۇڭ (Max Hartung)، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلسە ئۆزىنىڭ بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ توكيودا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەممە كىشى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توختىتىشتا رول ئوينىشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا يىنىك ئاتلىتكا ۋە سۇ ئۈزۈش فېدېراتسىيەسى، بىرازىلىيە ئولىمپىك كومىتېتى، ئەنگلىيە يىنىك ئاتلىتكا فېدېراتسىيەسى ۋە فىرانسىيە سۇ ئۈزۈش فېدېراتسىيەسى، ئولىمپىكنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى توغرىسىدا پىكىر بىلدۈردى.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ھازىرغىچە 12 مىليارد دوللار خەجلىگەن ياپونىيە، ئولىمپىكنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە قىزغىن ئەمەس.

ئولىمپىك كومىتېتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئۈچ خىل پىلان ئويلىشىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈش، ئىككىنچىسى، 2020-يىلى سېنتەبىر ئېيىغا كېچىكتۈرۈش ۋە ئۈچىنچىسى، تاماشىبىنلارسىز ئۆتكۈزۈش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر