ئىسپانىيەنىڭ خىتاي پۇتبولچىسى ۋۇ لېيدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى

ئىسپانىيەنىڭ 1 - پۇتبول بىرلەشمىسى كوماندىلىرىدىن بىرسى ئىسپانيول كۇلۇبىنىڭ خىتاي پۇتبولچىسى ۋۇ لېينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسپانىيەنىڭ خىتاي پۇتبولچىسى ۋۇ لېيدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان پۇتبولچى ۋۇ لېينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئىسپانىيەگە مەلۇمات يوللانغانلىقى ۋە 28 ياشلىق پۇتبولچىىنىڭ كارانتىن ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسپانىيە بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېخنىكا كوماندىسى ۋە پۇتبولچىلاردىن جەمئىي  6 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر