ئەنگلىيە پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كېچىكتۈردى

ئەنگلىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن بارلىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى 2020-يىلى ماي ئېيىغىچە ئەمەلدىن قالدۇردى.

1381481
ئەنگلىيە پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسى مەملىكەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەنگلىيە پرېمىيېر (Premier Lig) بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى، ئاياللارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ۋە ئاياللار چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەڭ بالدۇر دېگەندە 2020-يىلى 30-ئاپرېلغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ 2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقىنى كېچىكتۈرۈش قارارىغا ۋاقىت بەلگىلىمەسلىك ئۈچۈن قوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر