ۋۇخەن ۋىرۇسى خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە

ياۋروپانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئارقىمۇ ئارقا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتبول ھەۋەسكارلىرى 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا.

2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى 1-ئىيۇندىن 12-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان ئىدى. بىراق، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن پىلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلەمدۇ ياكى كېچىكتۈرۈلەمدۇ؟

ئىتالىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى دىققەت قوزغىدى. فېدېراتسىيە باشلىقى گابرىيېلې گراۋىنا (Gabriele Gravina) ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ كېچىكۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ «Corriere dello Sport» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇشۇ ھەپتە بېشىدا چاقىرىلىدىغان ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ يىغىنىدا كېچىكتۈرۈش قارارىنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرغۇن پۇتبولچى ۋە تېخمىكا خاىملىرى تاختاملىرىنىڭ 30-ئىيۇندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنىڭ بۇ ۋاقىتقىچە ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى، 13 ھەپتىسى قالغان «Serie A» ئۈچۈن 60 كۈنلۈك ۋاقىت لازىملىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر