NBA مۇ مۇسابىقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئامېرىكا مەملىكەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) ماھىرلاردىن بىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بايقىلىشى سەۋەبىدىن، بارلىق مۇسابىقىلەرنى ۋاقىتسىز توختاتتى.

NBA مۇ مۇسابىقىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇتا جەز (Utah Jazz) كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرىدىن بىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، بارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغىچە توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نام-شەرىپى ئاشكارىلانمىغان ۋاسكېتبولچىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بۈگۈن (2020-يىلى 12-مارت) كەچتە يۇتا جەز كوماندىسى بىلەن ئوكلاخوما سىتى ساندېر (Oklahoma CityThunder) كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مۇسابىقىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان ماھىرنىڭ ئۇ جەرياندا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيداندا يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر