ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۈركىيە – سىلوۋېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە تاماشىبىنلارسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ

ئا. مىللىي كوماندىمىزنىڭ سىلوۋېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى تەييارلىق مۇسابىقىسى يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تەدبىر دائىرىسىدە، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تاماشىبىنلارسىز ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۈركىيە – سىلوۋېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە تاماشىبىنلارسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋېنىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 31 گە يەتكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت يۇقۇملىنىش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

سىلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، يېڭى تەدبىر دائىرىسىدە، ئالپ ئىنتىزام لوڭقىسى قاتارلىق بارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئوچۇق مايداندا ئۆتكۈزىدىغانلىقى، 500 دىن ئارتۇق زىيارەتچىسى بولغان بارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى تاماشىبىنلارسىز ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، يېپىق زاللاردىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ 100 ئادەم بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر