زەرىف كانادا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف گېرمانىيەنىڭ مىيۇنىېن شەھىرىدە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو  قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

زەرىف كانادا باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 56 – نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان زەرىف، بۇ يەردە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گرانچوئىس پىلىففې، فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھائاۋىستو، ۋاتىكان دىپلوماتىيە مىنىستىرى پائۇل رېىچارد گاللاگېر، چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس پېترىكېك، نېلسون مادىلا تەرىپىدىن قۇرۇلغان نوبېل مۇكاپاتلىق تەجرىبىلىك سىياسىيونلاردىن تەشكىل تاپقان دانىشمەنلەر جامائىتى ۋە كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم بىلەن كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر