دۇنيا قار ۋالىيبول مۇسابىقىسى ئەرجىيەستە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2020-يىللىق دۇنيا قار ۋالىيبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىلىرى 12-15-مارت كۈنلىرى ئەرجىيەس قار تىيېلىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دۇنيا قار ۋالىيبول مۇسابىقىسى ئەرجىيەستە ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ۋالىيبول فېدېراتسىيەسى (FIVB) بۇ يىل (2020) ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-قېتىملىق دۇنيا قار ۋالىيبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا قار ۋالىيبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىلىرى 12-15-مارت كۈنلىرى قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس قار تىيېلىش مەزكىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىلەر 20-23-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە ۋالىيبول فېدېراتسىيەلىرى 2017-يىلىدىن بۇيان بەش ياۋروپا مۇسابىقىسى ۋە ئىككى تۈركىيە چىمپېيونلۇقى بولۇپ، جەمئىي يەتتە قار ۋالىيبول مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلدى.

تۈركىيە ئاياللار كوماندىسى 2018-يىلى ئاۋستىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋروپا قار ۋالىيبول چىمپېيونلۇقىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر