تەنتەربىيە دۇنياسى ماتەمگە چۆمدى

ئامېرىكالىق داڭلىق ۋاسكېتبولچى كوبې بريانت (Kobe Bryant) كالىفورنىيەدە تىك ئۇچار ۋەقەسى بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى. دۆلەت ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ ماھىرلىرى ۋە دۇنيادىكى چوڭ كۇلۇبلار ماتەمگە چۆمدى.

تەنتەربىيە دۇنياسى ماتەمگە چۆمدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلادېلفىيا 76-نومۇرلۇق فورما كىيگەن جوئېل ئېمبىد (Joel Embiid): «قەيەردىن باشلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ۋاسكېتبول ئويناشنى كوبېنىڭ 2010-يىلىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن باشلىغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى كۆرمەيتتىم. ئۇ مۇسابىقە ھاياتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. ئۇنىڭدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. چوڭقۇر قايغۇردۇم» دېدى.

NBA دىكى داڭلىق ۋاسكېتبولچى تونى پاركېر (Tony Parker) تۋىتتېردا: «بۇ خەۋەر مېنى يارىدار قىلدى. سەن ھەقىقىي چولپان ئىدىڭ. ىارىجەم ياتقىن، ئايالىڭ ۋە بالىلىرىڭغا دۇئا قىلىمەن» دېدى.

تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن جەدى ئوسمان ۋە فۇركان كوركماز قاتارلىق NBA دا توپ ئوينىغان نۇرغۇن ۋاسكېتبولچىلار، بريانتنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان قايغۇلىرىنى تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىدى.

رېئال مادرىد، بارسېلونا ۋە مانچېستېر سىتى، بەشىكتاش، گالاتاساراي ۋە فەنەرباھچە قاتارلىق دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۇتبول كۇلۇبلىرىمۇ بريانت ئۈچۈن ماتەم بىلدۈردى.

تۈركىيە ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ھىدايەت تۈركئوغلۇ كوبې بريانت ئۈچۈن قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئىشىنىش ناھايىتى تەس. خاتىرجەم ياتقىن قېرىندىشىم.»

گېرمانىيە ۋېردېر برېمېن پۇتبول كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان تۈرك پۇتبولچى نۇرى شاھىنمۇ تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ھەقىقىي چولپان، دەيدىغان گېپىمىز يوق، نۇر ئىچىدە ياتقىن» دېدى.

مايكېل جوردىن (Michael Jordan)، كارېم ئابدۇلجاببار، نەيمار، شاكۋىللې نېيىل (ShaquilleO'Neal)، نوۋاك جوكوۋىچ (Novak Djokovic)، كرىستىيانو رونالدو (CristianoRonaldo)، لىيونېل مېسسى (Lionel Messi)، كيلىيان ئېمبابې (KylianMpabbe)، لېۋىس خامىلتون (Lewis Hamilton)، پاۋلو مالدىنى (Paolo Maldini)، ستېۋېن گېررارد (Steven Gerrard)، پاۋۇل پوگبا (Paul Pogba)، پاۋلو ديبالا (Paulo Dybala)، ئاندرې ئىنىيېستا (Andre Iniesta)، جون تېررى (John Terry)، ئۇساين بولت (Usain Bolt)، لۇيىس سۇارېز (Luis Suarez) قاتارلىق تەنتەربىيە دۇنياسىدىكى داڭلىق ماھىرلارمۇ تاراتقۇلاردا، ماتەم بىلدۈرۈپ ئۇچۇر تارقاتتى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر