كوبې بريانت ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكىلىق داڭلىق ۋاسكېتبولچى كوبې بريانت كالىفورنىيەدە تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1347805
كوبې بريانت ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوس ئانگېلېس بازىرى ساقچى باشلىقى، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ دۇنياغا مەشھۇر 41 ياشلىق ماھىرى كوبې بريانتنىڭ كالاباساس شەھىرىدە تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى جەزملەشتۈردى.

كوبې بريانت ۋە 13 ياشلىق قىزى گىئاننا ھاياتىدىن ئايرىلغان تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا جەمئىي 9 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، باشقا 7 ئادەمنىڭ كىملىكى ۋە قازانىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

فېدېراتىپ ئاۋىياتسىيە تارمىقى باياناتچىسى ئاللېن كېنىتزېر بايانات بېرىپ، «سكورىسكي س-76» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغان كوبې بريانت، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (NBA) نىڭ لوس ئانگېلېس لېيكېرس فورمىسىنى كىيگەن 20 يىلدىن بۇيان سانسىزلىغان غەلىبە ۋە رېكورتلارنى ياراتقانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، بريانتنىڭ كالىفورنىيەدە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «قورقۇنچلۇق بىر خەۋەر» دېدى.

سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامامۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «كوبې مەيدانلاردا بىر ئەپسانە ئىدى... گىئاننادىن ئايرىلىپ قېلىشمۇ بىر ئائىلە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ئىش. مىچېل ۋە مەن، ۋانېسسا ۋە پۈتكۈل بريانت ئائىلىسىگە ئادەمنىڭ خىيالىغا سىغمايدىغان مۇشۇنداق بىر كۈندە سۆيگۈ ۋە دۇئالىرىمىزنى يوللايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر