تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك يىغىنى ياۋروپا قىتئەسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 0 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

1340410
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن يىڭىپ دۆلەتكە قايتقان تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، ئىستانبۇلدا قىزغىن قارشى ئېلىندى. ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا نۇرغۇنلىغان ۋالىبول ھەۋەسكارلىرى بارابان ئەترىتىنىڭ ھەمراھلىقىدا گۈل-چېچەكلەر بىلەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى قارشى ئالدى.

تۈركىيە ۋالىبول فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئاكىف ئۈستۈنتاغ: «نىشانىمىز ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئىدى. دۆلىتىمىز نىشانىغا يەتكەن ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلەيدۇ، مەنمۇ تەبرىكلەيمەن. بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى. ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىيىن مۇسابىقە ئىدى. كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلدى، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى ۋە ئاخىرىدا بۇ نۇقتىغا يەتتۇق. گوللاندىيەدە بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان ھەۋەسكارلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر