ئېرىترىيەلىك پۇتبول ماھىرلىرى يەنە يوقۇلۇپ كەتتى

ئۇگاندا رايونلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ئېرىترىيە كوماندىسىنىڭ 7 نەپەر پۇتبول ماھىرى قايتىشتا ئايروپىلانغا چىقماي، پايتەخت كامپالادا ئىز – دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتتى.

1329126
ئېرىترىيەلىك پۇتبول ماھىرلىرى يەنە يوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا پۇتبول فېدېراتسىيەسى «CECAFA» نىڭ باياناتچىسى روگېرس مۇلىندىۋا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ساقچىلارنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن 7 پۇتبول ماھىرىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆكتەبىر ئېيىدىمۇ 20 ياشتىن كىچىكلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇگانداغا بارغان ئېرىترىيەلىك 4 پۇتبول ماھىرى دۆلەتلىرىگە قايتىشنى رەت قىلىپ، ئۇگاندادىن پاناھلىق تېلىگەن ئىدى.

ئېرىترىيەلىك پۇتبول ماھىرلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىمۇ بوتىسۋانا، ئاگولا ۋە تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يوقۇلۇپ كەتكەن ياكى پاناھلىق تېلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر