رۇسىيەنىڭ دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى مەنئى قىلىندى

دۇنيا قوزغىتىش دورىسى (doping) غا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقى رۇسىيەنى بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، تۆت يىل بويىچە ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلۇقلىرى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشنى مەنئى قىلدى.

1320324
رۇسىيەنىڭ دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى مەنئى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقى(WADA) شىۋېيتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىگە جايلاشقان مەركىزىدىكى باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدىن كېيىن، ئاگېنتلىقنىڭ باياناتچىسى جېيمس فىتزجېرېلد (James Fitzgerald) ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئۇ يىغىندا، رۇسىيەنى دۇنيا خاراكتېرلىك چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىشىنى مەنئى قىلىش قارارىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ رۇسىيەنى قوزغىتىش دورىسى بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن تۆت يىل بويىچە ئولىمپىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلۇقلىرى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشنى مەنئى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قارار بويىچە، رۇسىيە دۆلەت مارشى ۋە بايرىقى 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئولىمپىك يىغىنى بىلەن 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) لوڭقىسىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى بولسا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلىگەن ئەھۋالدا ئولىمپىك بايرىقى بىلەن «2020-توكيو» گە قاتنىشالايدۇ.

رۇسىيە دۇنيا قوزغىتىش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئاگېنتلىقى قارارىنى 21 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلسا ياكى بۇن قارار ئۈستىدىن خەلقئارا تەنتەربىيە سوتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

رۇسىيە جازا قارارى چىققان بولسىمۇ، 2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتنىشالايدۇ.

رۇسىيە 2014-يىلى سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە دۆلەت تەرىپىدىن سىستېمىلىق قوزغىتىش دورىسى ئىشلىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن 2015-يىلى مۇسابىقىلەردىن مەنئى قىلىش جازاسى ئالغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە، 168 رۇسىيەلىك تەنھەرىكەتچى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر