كېنىيەلىك يۈگۈرۈش ماھىرى يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتتى
كېنىيەلىك يېنىك ئاتلېتكا ماھىرى كىپساڭ كامۋورور كوپېنھاگىندىكى 21 كېلومېتىرلىق يېرىم مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقسىدا دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
1309915
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەلىك يېنىك ئاتلېتكا ماھىرى كىپساڭ كامۋورور دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگىندا ئوتكۈزۈلگەن يېرىم مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقسىدا، 21 كېلومېتىرلىق مۇساپىنى 58 مېنۇت 2 سېكونتتا تاماملاپ يېڭى دۇنيا رېكورتى ياراتتى.
ئىلگىرىكى رېكورت؛ 2010 - يىلى لىزبوندا ئۆتكۈزۈلگەن 21 كېلومېتىرلىق يېرىم مارافونچە يۈگۈرۈش مۇباسقىسىدا 58 مېنۇت 23 سېكونتلۇق نەتىجە بىلەن ئېرىترە ماھىرى زېرسېناي تادېس تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىدى.