خىتاي بىلەن «NBA» ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس بارغانچە زورايماقتا

خىتاي ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى باشلىقى ياۋ مىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «NBA» بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1285920
خىتاي بىلەن «NBA» ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس بارغانچە زورايماقتا
5.jpg
3.jpg
1.jpg
2.jpg
2019-10-10T104317Z_836509766_RC12E1B64410_RTRMADP_3_CHINA-BASKETBALL-NBA.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھوستون راكېتا شىركىتى باش مۇدىرى دارلىي مورېينىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىگە قارىتا بىر ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلەشكەنلىكى كۈتۈلگىنىدىنمۇ يامان نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.

دارلىي مورېينىڭ خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى قوللاپ ھەمبەھىرلەشكەن يازمىسىغا غەزىپى تاشقان خىتاي مەسئۇللىرى ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويۇشنى باشلىدى.

 دەسلەپتە خىتاي بانكىلىرى خوستون راكېتا شىركىتىنىڭ كاپالەتچىلىك كېلىشىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئاندىن خوستون راكېتا شىركىتىنىڭ ۋاسكېتبول ماھىرى شۇنداقلا ھازىرقى خىتاي ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى باشلىقى ياۋ مىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «NBA» بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «NBA» بايانات ئېلان قىلدى.

دارلىي مورېي بولسا، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈپ، بىر كەچۈرۈم سوراش مەكتۇبى ئېلان قىلدى.

خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دارلىي مورېينىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھوستون راكېتا شىركىتى تەرەپتە تۇردى.

يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭمۇ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «NBA» مەسئۇللىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «NBA» ماھىرلىرىدىن كېر ۋە پوپوۋىچنىڭ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ نېنىغا ياغ سۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ كېر ۋە پوپوۋىچنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋېلىشىنى بىر قانچە قېتىم تەنقىد قىلدى. «ئۇلارنىڭ مېدىيا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى كۆردۈم، ھېچ نەرسە دېيىشمىدى. خۇددى كىچىك بالىدەك گويا قورقۇنچتىن تىترىشىۋاتاتتى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن «Forbes» گېزىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بازىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «NBA» غا 4 مىليارد دوللار يارىتىپ بەرگەن ئىكەن.

لوس ئانجېلېس لاكېر كوماندىسى بىلەن بىرولىيىن نېتس كومندىسىنىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزىدىغان مۇسابىقىسىمۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۆچرىدى.

مۇسابىقە ئېلانلىرىنىڭ ئېلان تاختىلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى «ئەجىبا مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىمۇ؟» دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي ۋاسكېتبول ماستانىلىرى بولسا، تەنتەربىيە زاللىرى لىق تۇلدۇرۇپ، ۋاسكېتبول كوماندىلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر