ياۋروپا چېمپىيونلۇقى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە 10 مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى
2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 6-ھەپتىسىدە 10 مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
1266680
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 6-ھەپتىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، C، E، G ۋە I گۇرۇپپىلىرىدا 10 مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.
C گۇرۇپپىسىدا، گوللاندىيە كوماندىسى ئېستونىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
I گۇرۇپپىسىدا، بېلگىيە كوماندىسى شوتلاندىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
2020-يىللىق ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 6-ھەپتىسى ئەتە A، B ۋە H گۇرۇپپىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.