تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويدى

تۈركىيە ئاياللار ۋلىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سېربىيە كوماندىسىغا 3 كە قارشى 2 نومۇر بىلەن مەغلۇب بولدى.

1266242
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويدى
2019_Eylul_mac3.jpg
2019_Eylul_mac4.jpg
2019_Eylul_eda.jpg
2019_Eylul_ebrar.jpg
2019_Eylul_mac.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋلىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سېربىيە ئاياللار كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشتى.

بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە 21 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن ئالدىغا ئۆتكەن تۈركىيە ئاياللار ۋلىبول كوماندىسى، ئىككىنچى مەيداندا، 25 كە قارشى 21 نومۇر بىلەن نەتىجىنى 1-1 تەڭلەشتۈرۈپ قويدى.

ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، سېربىيە كوماندىسى 21 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن نەتىجىسىنى 1 گە قارشى 2 گە چىقاردى.

تۆتىنچى مەيدان مۇسابىقىدە، تۈركىيە كوماندىسى 22 گە قارشى 25 نومۇر بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. بىراق ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە، 15 كە قارشى 13 نومۇر بىلەن، ئىككى مەيدان يىڭىپ، ئۈچ مەيدان يىڭىلىشتەك نەتىجە ئوتتۇرىغا چىقتى.

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 2003-يىلىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم ياۋروپا ئىككىنچىسى بولدى.

سېربىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم، جەمئىي ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2019-يىللىق ياۋروپا ئاياللار ۋالىبول چېمپىيونلۇقىدا كۈمۈش مىدالنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنى تەبرىكلىدى. ئۇ تۋىتتېردا «فىلەنىڭ سۇلتانلىرى» (FileninSultanları) خەتكۈچى ئاستىدا: «تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا كۈمۈش مىدالنى قولغا كەلتۈرۈپ بىزنى شەرەپكە نائىل قىلدى. چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. تەشەككۈرلەر فىلەنىڭ سۇلتانلىرى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر