تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى چارەكلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، 2019 – يىللىق ياۋروپا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى 16 مۇسابىقىسى دائىرىسىدە كىرودىيەنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يېڭىپ، چارەكلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

1262355
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى چارەكلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى، 2019 – يىللىق ياۋروپا ئاياللار ۋالىبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى 16 مۇسابىقىسى دائىرىسىدە كىرودىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشتى.

تۈركىيە كوماندىسى رەقىبى ئالدىدىكى 2 گە قارشى 1 لىك ھالەتتىن تاماشىبىنلارنىڭ قوللاش سادالىرى سايىسىدا قۇتۇلۇپ، مۇسابىقىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىسمىنى ئارقا – ئارقىدىن بەشىنچى قېتىم چارەكلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار تىزىملىكىگە يازدۇردى.

تۈركىيە مىللىي كوماندىسى، ئاخىرقى 16 مۇسابىقە دائىرىسىدە گىرېتسىيەنى 0 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يېڭىۋالغان گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن 4 – سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە مەيدانغا چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر