تۈركىيە قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە 16 ياشتىن تۆۋەن قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا، ئىتالىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يىڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

1238836
تۈركىيە قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە بىلەن كىرودىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇقى ۋالىيبول مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە قىزلار كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى 5-مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە قىزلار كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشتى.

تۈركىيە قىزلار كوماندىسى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە قىزلار كوماندىسىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن مەغلۇب قىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن، گۇرۇپپىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە رەقىپلىرىنى يەڭگەن بولدى.

تۈركىيە قىزلار ۋالىيبول كوماندىسى 20-ئىيۇل (شەنبە) سىلوۋېنىيە كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر