فىرانسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى

ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە چوڭ تەقدىرلەشكە ئېرىشتى. ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەر بىلەن داۋاملىشىدۇ.

1228581
فىرانسىيەدە داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى
00017198718.jpg
00017198694.jpg
00017197697.jpg
00017197566.jpg
00017197565.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (2-ئىيۇل) ئەنگلىيە ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە، ئەنقەرە ۋاقتى 22:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئىيۇل (چارشەنبە) 01:00 دە باشلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ نامايان قىلغان مۇۋەپپەقىيىتى، ئامېرىكادىكى بالىلارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى.

نىيۇ يوركتىكى داۋنتاۋن (Downtown United) يۇنايتىد پۇتبول مەكتىپىنىڭ پىروگرامما دىرېكتورى ئادام نورس (Adam Norse) دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى سايىسىدا، پۇتبولنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۆلەتلىك كوماندا پەيدا قىلغان كىملىك نەتىجىسىدە، پۇتبول تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىغا ھەم قىز ھەمدە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەكتەپ پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان كىچىك بالىلارنىڭمۇ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى تولۇق. ئامېرىكانىڭ پۇتبول كىيمى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل دۆلەتلىك كوماندىقنىڭ كىيىمىگە بولغان قىزىقىشنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر