تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2019-يىللىق دۇنيا ۋاسكېتبول لوڭقىسى (FIBA) ياۋروپا ئاياللار چېمپىيونلۇقىدىكى بىرىنچى مۇسابىقىدە، ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

1226556
تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى
FOTO_18787678_270620192105410000_R_SPO_20190627000000_aa-picture-20190627-18787678.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېتونىيە بىلەن سېربىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2019-يىللىق دۇنيا ۋاسكېتبول لوڭقىسى (FIBA) ياۋروپا ئاياللار چېمپىيونلۇقىدىكى بىرىنچى مۇسابىقە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سېربىيەنىڭ نىش شەھىرىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، تۈركىيە ئاياللار كوماندىسى 57 گە قارشى 54 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە، تۈركىيە كوماندىسى 10 غا قارشى 17 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما، ئىككىنچى چارەكتە ئىتالىيە كوماندىسى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 25 كە قارشى 26 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى. ئاخىرقى پەيتلەردە، تۈركىيە كوماندىسى 57 گە قارشى 54 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.

تۈركىيە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىنى، سىلوۋېنىيە كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر