بۈگۈن ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 12 مەيدان شاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 4-ھەپتىسىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە A, B, D, F, G گۇرۇپپىلىرىدا جەمئىي 12 مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.

1216661
بۈگۈن ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 12 مەيدان شاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە كوماندىسى F كوماندىسىدا شىۋېتسىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى. مۇسابىقىدە ئىسپانىيە ماھىرى راموس شىۋېتسىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. 85-مىنۇتتا ئىسپانىيە كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا يەنە بىر جازا توپ، 87-مىنۇتتا بولسا ئۈچىنچى توپىنى كىرگۈزۈپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى.

شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ 4-ھەپتىسى ئەتە C, E, H, I, J گۇرۇپپىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13 مۇسابىقە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. كوماندىلارنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

A گۇرۇپپىسى

چېخىيە كوماندىسى قاراتاغ كوماندىسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

بۇلغارىيە كوماندىسى كوسوۋۇ كوماندىسىنى 3كە قارشى 2نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالدى.

B گۇرۇپپىسى

ئۇكرائىنا كوماندىسى لىيۇكسېمبۇرگ كوماندىسىنى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

سېربىيە كوماندىسى 4 قارشى 1 نەتىجە بىلەن لىتۋانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

D گۇرۇپپىسى

ئىرېلاندىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن جەبىلتارىق كوماندىسىنى يەڭدى.

دانىيە كوماندىسى گىرۇزىيە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

F گۇرۇپپىسى

ئىسپانىيە كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

مالتا كوماندىسى 4 قارشى 0 نەتىجە بىلەن رۇمېنىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

فائېرو تاقىم ئاراللىرى 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن نورۋېگىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

G گۇرۇپپىسى

پولشا كوماندىسى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئىسىرائىلىيە كوماندىسىنى يەڭدى.

لېتونىيە كوماندىسى 5 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن سلوۋېنىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

شىمالىي ماكېدونىيە كوماندىسى 4 قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئاۋستىرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر