دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىز فىرانىسيەنى مەغلۇپ قىلدى

دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىز «2020 ياۋروپا پۇتبول چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش تاللاش مۇسابىقىسى» نىڭ «H» گۇرۇپپىسىدىكى 3 – قېتىملىق مۇسابىقىسىدا دۇنيانىڭ ئاخىرىقى چېمپىيونى فىرانسىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

1215236
دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىز فىرانىسيەنى مەغلۇپ قىلدى
Didier Deschamps.jpg
senol gunes.jpg
Turkiye-fransa maci2.jpg
Turkiye-fransa maci1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىسىنىڭ 30 - مېنۇتىدا كان ئايخان ۋە 40 - مېنۇتىدا جەنگىز ئۈندەر توپ كىرگۈزۈپ، دەسلەپكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن تاماملىدى. مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا بولسا، ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. شۇنداق قىلىپ دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىز 0 گە قارشى 2 نەتىجىلىك ئۈتسۈنلۈك بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرىلاشتۇردى.

دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىمىز «H» گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلگىرىكى 2 قېتىملىق مۇسابىقىسىدا ئالبانىيەنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ۋە مولداۋىيەنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭگەن بولۇپ، بۇ قېتىم دۇنيانىڭ ئاخىرىقى چېمپىيونى بولغان فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارقىمۇ ئارقىدىن 3 غەلىبىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمىي نۇمۇرىنى 9 غا ئۆرلەتتى. تۈركىيە شۇنداق قىلىپ، مۇسابىقىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

«H» گۇرۇپپىسىدا تۇنجى قېتىم مەغلۇب بولغان فىرانسىيە كوماندىسى بولسا، 6 نۇمۇر بىلەن 2 ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

دۆلەتلىك كوماندىمىز تارىخىدا تۇنجى قېتىم فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن رەقىبى بىلەن مەيدانغا چۈشكەن دۆلەتلىك كوماندىمىز مەيداندىن غەلىبە بىلەن ئايرىلدى.

ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەررەم قاسساپئوغلۇ تۈركىيە پۇتبول فېدېراتىسىيەسى باشلىقى نىھات ئۆزدەمىر بىلەن بىرگە مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن كۆردى.

دۆلەتلىك ئا پۇتبول كوماندىسى تېخنىكا دىرىكتورى شەنۇل گۈنەش مۇسابىقىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياخشى ئويناپ، 3 نۇمۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رىغبەت ۋە ئىشەنچكە ئېرىشتۇق. قايتىدىن ئۈمىتلىرمىزنى ياشناتتۇق. ئىشەنچ، ھاياجان ۋە ئەقىل بىلەن ئوينىدۇق. فىرانسىيەنىڭ ئۆتكۈر قوراللىرى بار ئىدى. بىراق بىز دەل ئەكسىچە تېخىمۇ ئۆتكۈر ھالغا كەلدۇق. فىرانسيەگە قارشى كۆككە كۆتۈرگۈچىلىكى بولغان بىر ئۇتۇققا ئېرىشتۇق»

شەنۇل گۈنەش دۆلەتلىك كوماندىمىزنىڭ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، زىلاندىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ۋە پۈتۈن دىققىتىنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە دۆلەتلىك كوماندىسى تېخنىكا دىرىكتورى دىدېر دېسچامپىسمۇ «تۈركىيە نامايان قىلغان ماھارىتى بىلەن 3 نۇمۇرغا ھەقلىق بولدى. بىز ئىنتايىن يېتەرسىز ماھارەت كۆرسەتتۇق. سىقىلىش ئىچىدە ئەمەس ئىدۇق، تېخنىكا جەھەتتە يېتەرسىز قالدۇق. تۈركىيە ئالاھىدە سۈپەتلىك ئويناپ، بۇ مۇسابىقىنى ئۇتتى. ئاخىرىغىچە تەبرىكلەيمەن» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا ئاي يۇلتۇزلۇق كوماندىمىز 2020 ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش تاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ «H» گۇرۇپپىسىدا 11ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى زېلاندىيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشىدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر