فەنەرباھچە كوماندىسى 17-قېتىملىق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپا بىرلەشمە ۋاسكېتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ھاياجېنى داۋام قىلماقتا.

1128358
فەنەرباھچە كوماندىسى 17-قېتىملىق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە بېكو ۋاسكېتبول كوماندىسى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ 19-ھەپتىسىدە ئىسپانىيەنىڭ گران كاناريا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. فەنەرباھچە كوماندىسى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 32 گە قارشى 44 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە بولسا، فەنەرباھچە كوماندىسى 64 كە قارشى 82 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، فەنەرباھچە كوماندىسى 19-قېتىملىق مۇسابىقىسىدە، 17-غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر