مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىسمى ئامېرىكىدىكى بىر ئايرودۇرۇمغا قويۇلىدۇ

كېنتاكې شەھىرىگە قاراشلىق لۇئىسىۋىللې يەرلىك ئاۋىياتسىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئىسمىنى «لۇئىسىۋىللې مۇھەممەد ئەلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

1127562
مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىسمى ئامېرىكىدىكى بىر ئايرودۇرۇمغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەنتەربىيە دۇنياسىدا «تارىخنىڭ ئەڭ چوڭى» دەپ ئاتىلىۋاتقان، 2016 – يىلى 74 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان مەشھۇر بوكسيور ۋە داڭلىق ئىرقچىلىققا تۇرغۇچى مۇسۇلمان پائالىيەتچى مۇھەممەد ئەلى ئىسمى دۆلىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېنتاكي شەھىرىدىكى ئايرودۇرۇمغا بېرىلىدۇ.

كېنتاكې شەھىرىگە قاراشلىق لۇئىسىۋىللې يەرلىك ئاۋىياتسىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئىسمىنى «لۇئىسىۋىللې مۇھەممەد ئەلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» دەپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى.

مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئايالى لوننىې ئەلى بايانات بېرىپ، مەزكۇر ئىسىم ئۆزگەرتىش قارارىنى ئاڭلاپ ئىپتىخارلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئەلى، بىر دۇنيا پۇقراسى بولسىمۇ، ھەرگىزمۇ دۆلىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئىسمى كاسسىئۇس مارسېلۇس كلاي ج ر. بولغان مۇھەممەد ئەلى، 1942 – يىلى 17 – يانۋاردا ئىرقچىلىق تازا بازار تېپىۋاتقان لۇئىسىۋىللېدە دۇنياغا كەلدى.

1964 – يىلى 22 ياش چېغىدا سونني لىستوننى يېڭىپ ئەڭ ياش دۇنيا بوكس چېمپىيونى بولغان كلاي، غەلىبىسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئىسمىنى مۇھەممەد ئەلىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئۇزۇن مەزگىل پاركىنسون كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتقان مۇھەممەد ئەلى، 2016 – يىلى 3 – ئىيۇندا ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ فوئېنىكس شەھىرىدىكى بىر دۇختۇرخانىدا نەپەس يولى تارلىقى كېسىلىنى داۋالىتىۋېتىپ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر