فەنەرباھچە كوماندىسى دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (UEFA) نىڭ ياۋروپا D گۇرۇپپىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە، فەنەرباھچە كوماندىسى بىلەن سلوۋاكىيەنىڭ سپارتاك ترناۋا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى.

فەنەرباھچە كوماندىسى دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەنەرباھچە كوماندىسى بىلەن سپارتاك ترناۋا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئۈلكەر تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. فەنەرباھچە كوماندىسى دەسلەپتە ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلدى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 51 مىنۇت ئۆتكەندە، فەنەرباھچە كوماندىسى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. 68-مىنۇتتا فەنەرباھچەنىڭ ئالجىرىيەلىك پۇتبولچىسى سلىمانى كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، فەنەرباھچە كوماندىسى UEFA ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ D گۇرۇپپىسىدا دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر