ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى

ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 2018-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى لوڭقىسى (FIBA) ئاياللار چېمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە، ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنى 56 گە قارشى 73 نومۇر بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولدى.

1060236
ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبول فېدېراتسىيەسى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى ئامېرىكا-ئاۋستىرالىيە كوماندىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 15 كە قارشى 20 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ۋە بىرىنچى مەيداننى 27 گە قارشى 35 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ئامېرىكا ئاياللار كوماندىسى ئىككىنچى مەيداننى 38 گە قارشى 61 نومۇر، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىنى 56 گە قارشى 73 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، تارىخىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ مەيدان ئۇتۇش بىلەن 10-قېتىملىق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

ئىسپانىيە ئاياللار كوماندىسى بېلگىيە ئاياللار كوماندىسىنى 60 قارشى 67 نومۇر بىلەن يېڭىپ، مىس مىدالغا ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر