پولشا كوماندىسى چېمپىيون بولدى

ئىتالىيەنىڭ تورىنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق دۇنيا ئەرلەر ۋالىيبول چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پولشا كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

پولشا كوماندىسى چېمپىيون بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018-يىللىق دۇنيا ئەرلەر ۋالىيبول چېمپىيونلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پولشا-بىرازىلىيە كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پولشا-بىرازىلىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بىر سائەت 37 مىنۇت داۋاملاشتى.  پولشا ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن دۇنيا چېمپىيونى بولدى. پولشا ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى بۇ نەتىجىسى بىلەن، تارىخىدا 3- قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

پولشا ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە ئەرلەر ۋالىيبول كوماندىسى 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېمپىيونلۇقىدىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، شۇ قېتىممۇ پولشا كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسىنى ئۇتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر