بەشىكتاش كوماندىسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ 2018-2019 -يىللىق چېمپىيونلۇقىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىلىرى 12 گۇرۇپپىدىكى 24 مۇسابىقە بىلەن باشلاندى.

1053829
بەشىكتاش كوماندىسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ 2018-2019  -يىللىق چېمپىيونلۇقىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىلىرى 12 گۇرۇپپىدىكى 24 مۇسابىقە بىلەن باشلاندى.

تۈركىيەنىڭ بەشىكتاش كوماندىسى ۋودافون پاركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە سارپسبورگ كوماندىسىنى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

فەنەرباھچە كوماندىسى D گۇرۇپپىدا كىرودىيەنىڭ دىنامو زاگرېپ كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە 4 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ، گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىسىنى ئۇتتۇرۇش بىلەن باشلىدى.

تارىخىدا تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىلىرىدىن بىرىگە قاتناشقان تۈركىيەنىڭ ئاكھىسار كوماندىسى J گۇرۇپپىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى رۇسىيەنىڭ كراسنودار كوماندىسى بىلەن ئوينىدى ۋە 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر