توكيو ئولىمپىك يىغىنىدا يۈز تونۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلىدۇ

ياپونىيە پايتەختى توكيودا 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلېكتىرونلۇق يۈز تونۇش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ.

1027582
توكيو ئولىمپىك يىغىنىدا يۈز تونۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولىمپىك كومىتېتى 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا ئولىمپىك يېزىسى ۋە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركەزلەرگە، بارلىق كىشىلەر يۈز تونۇش سىستېمىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كىرىپ چىقىدۇ. تەنتەربىيەچى، ئولىمپىك خىزمەتچىلىرى، ئاخباراتچى بولمىغان  ياكى كىرىش رۇخسىتى بولمىغان ھېچقانداق كىشى ئولىمپىك مەيدانلىرىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئولىمپىكتا ياپونىيەنىڭ نېك كورپ (NEC Corp) شىركىتىنىڭ يۈز تونۇش سىستېمىسى ئىشلىتىلىدۇ. مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ سىستېمىسى 70 دۆلەتنىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە.

بۇ سىستېما توكيودا ئولىمپىك يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر