بۈگۈن رۇسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ

رۇسىيەدە بۈگۈن سائەت 18:00 فىرانسىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى بىلەن كىرودىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

1012794
بۈگۈن رۇسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە بېلگىيە ئەنگلىيەنى 0گە قارشى 2 نەتىجە يېڭىپ دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى بولدى.

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيون كوماندىسى كىرودىيە بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئېنىق بولىدۇ.

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى لۇزنىكى پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە سائەت 18:00دا باشلىنىدۇ.

مۇسابىقىگە ئارگېنتىنا پۇتبول فېدراتسىيەسىدىن نېستور پىتانا رىپىرلىق قىلىدۇ، ئارگېنتىنالىق ھېرنان مايدانا ۋە جۇئەن بەلاتتىلار مۇئاۋىن رىپىرلىق قىلىدۇ.

دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان فىرانسىيە ئۈچىنچى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ساھىبخانلىق قىلغان فرانسىيە شۇ يىلى چېمپىيون بولغانىدى.

تارىختا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن كىرودىيە دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىپ تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر