يېڭى كابېنتتىكى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى- مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ

مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ جۇمھۇر رەئىسلىك كابېنتى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان تۇنجى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى بولدى.

1009449
يېڭى كابېنتتىكى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى- مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەنتەربىيە لاتارىيەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ يېڭى كابېنتتا ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە ئوسمان ئاشكىن باكنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

 مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

مەھمەت مۇھاررەم كاساپئوغلۇ 1976-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. مارمارا ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ شۇ ئۇنىۋېرستېتنىڭ مەھەللىۋى ئىدارىلەر ۋە تۇرۇشلۇق جايىدىن باشقۇرۇش پىروگراممىسى بويىچە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئامېرىكا فلورىدا ئىشتات ئۇنىۋېرستېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىدا باشقۇرۇش كەسپىدە تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىس ۋە لايىھە كوردىناتورى بولۇپ خىزمەت قىلغان. پالم بىچ ئاتلانتىك ئۇنىۋېرستېتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ماگېستىرلىق ئوقۇغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىدىن يەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.

ئۇ تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ۋە مۇھىم مەنسەپلەرنى تۇتقان. ئۇ خۇسۇسىي شىركەتلەردە خەلقئارالىق سودا بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.

2009-يىلى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە ۋەزىپىگە قويۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىدا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.

ئۇ تەنتەربىيە لاتارىيەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن يىللىرىدا، تەنتەربىيەنى كەڭ ئاممىغا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە نۇرغۇن تەسىسلەرنىڭ سېلىنىشىغا كۈچ چىقارغان. ياشلىق، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن.

ئۇ ئۆيلەنگەن بولۇپ، بىر پەرزەنتى بار، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللىرىنى ياخشى بىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر