2018 دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا

2018 دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى 10-ئىيۇلدا باشلىنىدۇ.

1008078
2018 دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2018 دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدە، ئەنگلىيە بىلەن كىرودىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىقتى.

رۇسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە، دەسلەپكى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىۋېتسىيە كوماندىسىغا 2 توپ كىرگۈزگەن ئەنگلىيە كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

رۇسىيە-كىرودىيە مۇسابىقىسىدە، كىرودىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ساھىبخان كوماندا رۇسىيەنى 3كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدى.

شۇنداق قىلىپ كىرودىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئەنگلىيە بىلەن ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشتى.

ئەنگلىيە بىلەن كىرودىيە 11-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى پايتەخت موسكۋادىكى لۇزىنىكى پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

بۇ قېتىمقى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى يەنە بىر يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، فىرانسىيە بىلەن بېلگىيە 10-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى سائىنت پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر