دۇنيا لوڭقىسى 8 كوماندا مۇسابىقىلىرى بۈگۈن باشلىنىدۇ

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ھاياجېنى بۈگۈن (6-ئىيۇل) باشلىنىدۇ.

دۇنيا لوڭقىسى 8 كوماندا مۇسابىقىلىرى بۈگۈن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى 1-ت ر تTRT1))، 4 ك-ت ر ت TRT4K)  ) قاناللىرىدا ۋە fifa2018.trtspor.com.tr ئادرېسىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

16 كوماندىنىڭ ئايلانما مۇسابىقىلىرىدا چارەك ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىلارنىڭ تۆت كوماندا (يېرىم ھەل قىلغۇچ) ئىچىگە كىرىش مۇسابىقىلىرى ئىككى كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ.

ئۇرۇگۋاي-فىرانسىيە مۇسابىقىسى  بۈگۈن (6-ئىيۇل) ئەنقەرە ۋاقتى 17:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00 دە باشلىنىدۇ.

بىرازىلىيە-بېلگىيە مۇسابىقىسى ئەنقەرە ۋاقتى 21:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 دە باشلىنىدۇ.

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ (سەككىز كوماندا) مۇسابىقىلىرىغا ياۋروپادىن ئالتە كوماندا- فىرانسىيە، بېلگىيە، رۇسىيە، كىرودىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيە كوماندىلىرى؛ لاتىن ئامېرىكادىن ئىككى كوماندا-بىرازىلىيە ۋە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

چارەك ھەل قىلغۈچ مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

6-ئىيۇل جۈمە:

ئەنقەرە ۋاقتى 17:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00  ئۇرۇگۋاي-فىرانسىيە

ئەنقەرە ۋاقتى 21:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 بىرازىلىيە-بېلگىيە

7-ئىيۇل شەنبە:

ئەنقەرە ۋاقتى 17:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:00 شىۋېتسىيە-ئەنگلىيە

ئەنقەرە ۋاقتى 21:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 رۇسىيە-كىرودىيە



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر