بېلگىيە-ياپونىيە مۇسابىقىسى كەسكىن مۇسابىقە بولدى

2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 16 كوماندىغا كىرىش ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە، بېلگىيە كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

1004574
بېلگىيە-ياپونىيە مۇسابىقىسى كەسكىن مۇسابىقە بولدى
2018-07-02T202210Z_1301951483_RC18F3E6D950_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-BEL-JPN.JPG
2018-07-02T201636Z_470941828_RC1660C0C6D0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-BEL-JPN.JPG
2018-07-02T201352Z_1472202978_RC1B75510DB0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-BEL-JPN.JPG
2018-07-02T201112Z_977442484_RC1F95DE4580_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-BEL-JPN.JPG
2018-07-02T184327Z_1013006955_RC1939DB1EF0_RTRMADP_3_SOCCER-WORLDCUP-BEL-JPN.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە-ياپونىيە مۇسابىقىسىدە، دەسلەپتە بېلگىيە كوماندىسى 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئىدى. بىراق، تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئۈچ توپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، بېلگىيە چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

بېلگىيە-ياپونىيە مۇسابىقىسى بىرىنچى مەيدا 0-0 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى. ئىككىنچى مەيداندا، ياپونىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 48 مىنۇت ئۆتكەندە ۋە 52 مىنۇت ئۆتكەندە بېلگىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 2 گە چىقاردى.

بېلگىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 69 مىنۇت ۋە 74 مىنۇت ئۆتكەندە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 90 مىنۇت ئاخىرلىشىپ، ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەندە، بېلگىيە كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 3 كە چىقاردى ۋە چارەك ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى.

بېلگىيە كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن 6-ئىيۇل (جۈمە) ئەنقەرە ۋاقتى 21:00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 00:00 دە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بېلگىيە كوماندىسى G گۇرۇپپىدا 9 نومۇرغا ئېرىشكەن ۋە ھېچقايسى كوماندىغا ئۇتتۇرماي 16 كوماندا ئىچىگە كىرگەن ئىدى.

ياپونىيە كوماندىسى H گۇرۇپپىدا 4 نومۇر بىلەن ئىككىنچى بولغان بولۇپ، سېرىق كارت سانىنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن سېنېگال كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، 16 كوماندىغا كىرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر